يەر شارى ئىقتىساد زىمىستانىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئاگاھ بولۇش كېرەك

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-02-13 16:50:56

جۇڭگو ئەنباڭ گۇرۇھى تەتقىقات باش ئىشتابى

سۈبھى باغداش تەرجىمىسى

2015-يىلىنىڭ قىش پەسلىدە تېمپراتۇرا ئالاھىدە سوغۇق بولمىدى، ئەمما ئىقتىساد تېمپراتۇرىسى ئالاھىدە سوغۇق بولدى. ھەمدە بەختكە قارشى، ئىقتىساد زىمىستانى 2016-يىلغىچە داۋاملىشىپ، كېلەر يىل يەر شارى ئىقتىسادى ۋە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي ئۇدارى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئەنباڭ مەسلىھەت بېرىش (Anbound) تەتقىقات ئەترىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى تەھلىل قىلىشىچە، بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كاسات بولۇشى سىرتقى ئىقتىساد مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ئەڭ چوڭ بولغان. ھازىردىن قارىغاندا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ زىمىستانى بۇرۇنقى مۆلچەردىكىدىن تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى يېقىندا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، نۆۋەتتە يەر شارى ئىقتىساد ۋەزىيىتى 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيانقى ئەڭ مۇرەككەپ ئېغىر بىر يىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئىپادىسى كۆپ تەرەپلىك: بىرىنچى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن قارىغاندا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 2015-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى 4 قېتىم تۆۋەنلەتتى، يىل بېشىدىكى مۆلچەر %3.8 دىن نۆۋەتتىكى %3.1گە تۆۋەنلىتىلدى. %3.1لىك ئىقتىسادىي ئېشىش 2009-يىلدىن بۇيان يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سۈرئەتتە ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىككىنچى، دۇنيا سودىسىنىڭ ئېشىشى ئۇدا ئۈچ يىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەن بولدى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى دۇنيا سودىسى پەقەت %2.8 ئاشىدىغان بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىن ئۇدا ئۈچ يىل تۆۋەن بولۇشى. يۈكسەك دەرىجىدە ئاگاھ بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سودا ئېشىش نىسبىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان بىرىنچى قېتىم تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سودا ئېشىش نىسبىتىدىن تۆۋەن بولدى: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ 2015-يىللىق سودا ئېشىش نىسبىتى %1.4، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سودا ئېشىش نىسبتى %3.05 بولدى. ئۈچىنچى، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ پۇل سىياسىتىنىڭ بۆلىنىشى بولۇپ، 2015-يىلى بۇ خىل بۆلىنىش يەنىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. تۆتىنچى، خام ئەشيا تاۋارلىرى 2015-يىلى داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ، نېفىت باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن يېرىمدىن كۆپ چۈشۈپ كەتتى، خام ئەشيا كان مەھسۇلاتلىرى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى %30 ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى.

ئەھۋال ھەقىقەتەن كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، دۇنيا ئىقتىسادىي گەۋدىلىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادىدا ئېنىق ئەسلىگە كېلىش كۆرۈلگەندىن سىرت، ياۋروپا ئىقتىسادى پۈتكۈل جەھەتتىن يەنىلا پاتقاقتا جان تالاشماقتا، ئالاھىدە دەرىجىلىك قويۇپ بېرىش سىياسىتىدىكى ياپونىيە ئىقتىسادىدا مۇقىم ئەسلىگە كېلىش كۆرۈلمىدى، ھېچ بولمىغاندا 2016-يىلدىكى دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىجابىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولالمايدۇ. يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن چاتاق، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ چوڭ سەلبىي ۋەقە، ئىلگىرى ئەڭ چوڭ «دۇنيا زاۋۇتى» بولغان ماتور ئاجىزلاشقا باشلىدى، بۇ ھەم دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىشىنىڭ نەتىجىسى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ كاساتلىشىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. 2016-يىلدىكى زور خەتەرلەرنىڭ بىرى بولسا برازىلىيە ئىقتىسادى بولۇپ، بۇرۇن «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى»نىڭ ئەزاسى بولغان بۇ دۆلەت نۆۋەتتە يۇقىرى پۇل پاخاللىقى، تۆۋەن ئىقتىسادىي ئېشىش، يۇقىرى ئىشسىزلىق نىسبىتى، قەرز كۆپ بولۇش، ئىستېمال سۇس بولۇش، پۇل كۇرسى چۈشۈش قاتارلىق بىر قاتار ئەڭ يامان ئەھۋاللارغا ئۇچرىماقتا. برازىلىيە ئىقتىسادىدا ئەگەر 2016-يىلى كىرىزىس يۈز بەرسە ئەجەپلىنىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. ئاگاھ بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى، برازىلىيە ئىقتىسادىي كىرىزىسى ئېھتىمال پۈتكۈل جەنۇبىي ئامېرىكىنى ئارقىغا سۆرەپ تاشلىشى ھەمدە جەنۇبىي ئامېرىكىنى سىياسىيدا ئومۇميۈزلۈك «ئوڭچىل»لىققا بۇراپ تاشلىشى مۇمكىن. بۇ جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى دۆلەتلەرگە زور مىقداردا مەبلەغ سالغان ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەن جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، زور يوشۇرۇن خەتەردىن دېرەك بېرىدۇ.

دۇنيا بانكىسىمۇ يېقىندا يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستىلىغانلىقىغا 6 يىل بولغانلىقىنى، دائىرىسىنىڭ 80-يىللاردىن بۇيان ئەڭ كەڭ بىر قېتىملىقى ئىكەنلىكىنى ھەمدە كېلەچىكىنىڭ مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئامېرىكىنىڭ پۇل سىياسىتىنى چىڭىتىشى ياكى ئاساسلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار كېلەچىكىنىڭ مۇجمەل بولۇشى قاتارلىق يوشۇرۇن ئامىللار قوزغىغان سىرتقى مۇھىتنىڭ يامانلىشىشى، يەنە يەرلىك ئامىللار بىلەن بىرلىشىپ مۇكەممەل بۆھران شەكىللەندۈرۈپ، قىسمەن يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارغا كاپىتالنىڭ كىرىشىنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. دۇنيا بانكىسى دوكلاتىدا يەنە ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك زايومىنىڭ ئۆسۈمى 100 پوئېنت ئۆرلىسە، كېيىنكى بىر يىلدا يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارغا كىرىدىغان كاپىتالنىڭ ئىقتىسادتا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا %2.2 تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنىڭ مۇۋاپىق سىياسەت تۈزۈپ، دەۋرىيلىك ۋە قۇرۇلمىلىق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ھەمدە ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلدى. خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر مەبلەغ سالغۇچىلار يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلاردىن چېكىندۈرۈپ كەتكەن مەبلەغ كۆلىمى 2008-يىلدىن بۇيان ئەڭ كۆپ بولغان. ئەنباڭ مەسلىھەت بېرىش ئورنى ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان 15 يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلىتىدىن چىقىپ كەتكەن مەبلەغ 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشقان بولۇپ، پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىنكى مەبلەغنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ئېشىپ كەتكەن.

دۇنيادىكى ئاساسلىق سودا ئىقتىسادىي گەۋدىلىرى زەربىگە ئۇچرىشى نىسبەتەن چوڭ توپلار. جۇڭگو بىرىنچى بولۇپ زەربىگە ئۇچرىدى، جڭگونىڭ 2014-يىللىق تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىشى %2.3 ئىدى، 2015-يىلى ئېنىقلا ئالدىن بېكىتكەن ئېشىش نىشانى %6كە يەتمەيدۇ. 2015-يىلى كىرگەندىن بۇيان جۇڭگونىڭ تاشقا سودا ۋەزىيىتى ئېغىرلاشتى، ئىمپورت-ئېكسپورتى ئۇدا نەچچە ئاي مەنپىي ئېشىش كۆرۈلدى. پۈتكۈل دۇنيا ئېھتىياجىنىڭ تارىيىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دۇنيا سودىسىدا تارىيىش كۆرۈلدى. خەلق پۇلى بويىچە ھېسابلىغاندا، 2015-يىلى 11-ئايدا جۇڭگونىڭ ئېكسپورتى %3.7 ئازلىدى، مۆلچەردىكىدىن %1.4 تۆۋەن بولدى. جەنۇبىي كورىيەنىڭ 11-ئايلىق ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %1 تۆۋەنلەپ %17.6- بولدى. ئوخشاشلا دۇنيا ئېھتىياجىنىڭ ئاجىزلىشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەيۋەننىڭ 2015-يىلى 11-ئايلىق ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىمۇ %6 تۆۋەنلەپ %16.9- بولدى، ئۇدا 10 ئاي تۆۋەنلىدى ھەمدە پۇل-مۇئامىلە دېڭىز تاشقىنىدىن بۇيانقى ئەڭ چاتاق ئىپادە كۆرۈلدى. فىنلاندىيە ئىقتىسادىي سىياسەت تەتقىقات ئورگىنى پەرەز قىلىشىچە، 2015-يىلى دۇنيا سودىسىنىڭ ئېھتىمال 2009-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئوسال يىلى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تەكىتلەشكە تېگىشلىكى، يەر شارىلىشىشنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، كاپىتالنىڭ ھەرىكەتچانلىق سۈرئىتى تېزلەشتى، يەر شارىنىڭ ئۇچۇر تارقىتىلىش سۈرئىتىدە ئاساسەن ۋاقىت پەرقى يوق دېيەرلىك بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئۆزئارا تەسىرىنى سۈرئەتتىن چوڭقۇرلۇققا كېڭەيتىشى بۇرۇنقىدىن كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، «يەر شارى ماس قەدەمدە سوۋۇش ۋە ئىسسىش» ھادىسىسى ئاللىقاچان كۆرۈلدى، ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ دەۋرىيلىكى بىلەن دۇنيانىڭ دەۋرىيلىكىنىڭ ماس قەدەملىكى كۈچەيدى. نۆۋەتتىكى ئىقتىسادتىن قارىغاندا، ئامېرىكىدەك ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئالاھىدە ئامىللارنى (ئامېرىكا دوللىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ قاتارلىق) ھازىرلىغان دۆلەتلەردىن سىرت، مۇتلەق كۆ قىسىم تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ئۆز ئارا بىر-بىرىنى ئارقىغا سۆرىدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى بىلەن ماس قەدەمدە بولدى. بۇ خىل دۇنيا ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ «كۈچلۈك ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش»نىڭ ئاقىۋىتى بولسا نۆۋەتتە يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ زىمىستانى يامرىماقتا، ھېچكىم ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ.

ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان يەر شارى ئىقتىساد زىمىستانى ھۇجۇم قىلماقتا ھەمدە 2016-يىلىمۇ داۋاملىشىدۇ، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 2016-يىلىدىكى ۋەزىيەت كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有