ئامېرىكا كېلەر قېتىم ئۆسۈم تەڭشىگەندە ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى ئۆسۈم كېمەيتىشتىن چوڭ

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2016-02-19 16:14:57

باغداش مۇنبىرىدىن بايكۈچ تەرجىمىسى

ئەنگلىيە ريېتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 18-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نيۇ يورك فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى 18-فېۋرال ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى سودا ئورۇنلىرىغا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى كېلەر قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشەش ۋاقتىدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئۆسۈم كېمەيتىش ئېھتىماللىقىدىن چوڭ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن، ئەمما كەلگۈسى ئىككى يىلدا نۆل ئۆسۈم نىسبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىمالىمۇ چوڭ.

بۇ تۈردىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، دەسلەپكى سودا ئورۇنلىرى ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى كېلەر قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشەش ۋاقتىدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى %75 دەپ قارىغان، يېرىمدىن كۆپرەك كىشى ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ 3-ئايدىكى يىغىندا ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. 22 نەپەر دەسلەپكى سودىگەرلەرنىڭ مۆلچەرىچە، ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى كېلەر قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشەش ۋاقتىدا ئۆسۈم كېمەيتىش ئېھتىماللىقى %8 بولۇپ، 2016-يىل ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاش ئېھتىماللىقى %17 ئىكەن.

ئەمما زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلار كەلگۈسى ئىككى يىلدا نۆل ئۆسۈم نىسبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىمالى تۆتتىن بىر دەپ قارىغان.

نيۇ يورك فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ بۇ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپكى سودا ئورۇنلىرى ئانالىزچىلىرى ئامېرىكا كەلگۈسى يېرىم يىلدا چېكىنىشكە قاراپ مېڭىش ئېھتىماللىقى %14 دەپ قارىغان بولۇپ، 2013-يىل 10-ئايدىن كېيىنكى تەكشۈرۈشلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولغان.

ريېتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئانالىزچىلارغا ئېلىپ بارغان يەنە بىر قېتىيملىق تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئىككى قېتىم ئۆسۈم قوشۇلۇشى مۇمكىن، ئۆسۈم نىسبەتلىك قەرەللىك مال بازىرىدا بولسا بىر قېتىم ئۆسۈم قوشۇلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有